سۈرە ئادىيات
سۈرە ئادىيات 1-ئايەت
وَالْعَادِيَاتِ ضَبْحًا
(ئۇرۇشتا) خارتىلداپ يۈگۈرگۈچى (1).
سۈرە ئادىيات 2-ئايەت
فَالْمُورِيَاتِ قَدْحًا
(تېز چاپقانلىقتىن) تۇياقلىرىدىن ئوت چىقارغۇچى (2).
سۈرە ئادىيات 3-ئايەت
فَالْمُغِيرَاتِ صُبْحًا
ئەتىگەندە (دۈشمەن ئۈستىگە) باستۇرۇپ كىرگۈچى (3).
سۈرە ئادىيات 4-ئايەت
فَأَثَرْنَ بِهِ نَقْعًا
چاڭ-تۇزاڭ چىقارغۇچى (4).
سۈرە ئادىيات 5-ئايەت
فَوَسَطْنَ بِهِ جَمْعًا
شۇ چاڭ-تۇزاڭ بىلەن دۈشمەن توپى ئىچىگە كىرىپ كەتكۈچى ئاتلار بىلەن قەسەمكى (5).
سۈرە ئادىيات 6-ئايەت
إِنَّ الْإِنسَانَ لِرَبِّهِ لَكَنُودٌ
ئىنسان ھەقىقەتەن رەببىگە بەكمۇ تۇزكورلۇق قىلغۇچىدۇر (6).
سۈرە ئادىيات 7-ئايەت
وَإِنَّهُ عَلَى ذَلِكَ لَشَهِيدٌ
ئۆزىمۇ بۇنىڭغا شاھىد (7).
سۈرە ئادىيات 8-ئايەت
وَإِنَّهُ لِحُبِّ الْخَيْرِ لَشَدِيدٌ
ئۇ مال-دۇنياغا قاتتىق ھېرىسمەندۇر (8).
سۈرە ئادىيات 9-ئايەت
أَفَلَا يَعْلَمُ إِذَا بُعْثِرَ مَا فِي الْقُبُورِ
ئۇ ئىنسان بىلمەمدۇكى، (قىيامەت كۈنى) قەبرىلەردىكى ئۆلۈكلەر قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ چىقىرىلغان، دىللاردا (ساقلانغان) سىرلار ئاشكارىلانغان چاغدا، ئۇ كۈندە رەببى ئۇلارغا (ھەممىنى) خەۋەر قىلىدۇ (9)- (11).
سۈرە ئادىيات 10-ئايەت
وَحُصِّلَ مَا فِي الصُّدُورِ
ئۇ ئىنسان بىلمەمدۇكى، (قىيامەت كۈنى) قەبرىلەردىكى ئۆلۈكلەر قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ چىقىرىلغان، دىللاردا (ساقلانغان) سىرلار ئاشكارىلانغان چاغدا، ئۇ كۈندە رەببى ئۇلارغا (ھەممىنى) خەۋەر قىلىدۇ (9)- (11).
سۈرە ئادىيات 11-ئايەت
إِنَّ رَبَّهُم بِهِمْ يَوْمَئِذٍ لَّخَبِيرٌ
ئۇ ئىنسان بىلمەمدۇكى، (قىيامەت كۈنى) قەبرىلەردىكى ئۆلۈكلەر قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ چىقىرىلغان، دىللاردا (ساقلانغان) سىرلار ئاشكارىلانغان چاغدا، ئۇ كۈندە رەببى ئۇلارغا (ھەممىنى) خەۋەر قىلىدۇ (9)- (11).
Flag Counter