(مەككىدە نازىل بولغان، 109 ئايەت)
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن(باشلايمەن)
سۈرە يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنىڭ قوۋمىدىن ئازابنىڭ كۆتۈرۈۋېتىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان 98 - ئايىتىگە ئاساسەن يۇنۇس سۈرىسى دەپ ئاتالغان.
يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنى باشتا ئىنكار قىلىپ مەسخىرە قىلغان، كېيىن بۇ پوزىتسىيىسى سەۋەبىدىن پۇشايمان قىلىپ خاتالىقىنى تونىغان ۋە توغرا يولغا يۈزلەنگەن قوۋمنىڭ قىسسىسى بۇ سۈرىدە بايان قىلىنغان. يۇنۇس پەيغەمبەر ( مىلادىدىن بۇرۇنقى 860 – 784-يىللىرى ) بىر ئاسۇر شەھىرى بولغان(ھازىر شىمالى ئىراقققا جايلاشقان) نىنوۋاغا ئەۋەتىلگەن.
ساففات سۈرىسىدە يۇنۇس قوۋمى ھەققىدە كەڭ دائىرىدە بايانلار بېرىلگەن بولسىمۇ، بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالمىغان. بۇنىڭ سەۋەبى بۇ سۈرىگە ئىسمى بېرىلگەن ئايەتتە ئورۇن ئالماقتا:
بارچە ئەللەر ئىچىدە يۇنۇسنىڭ قوۋمىدىن باشقىسىغا (بالايىئاپەتنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن چاغدا) ئېيتقان ئىماننىڭ پايدىسى بولمىدى. يۇنۇسنىڭ قوۋمى ئىمان ئېيتىۋىدى، دۇنيا ھاياتىدا خار-زەبۇن قىلىدىغان ئازاب-ئوقۇبەتنى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن كۆتۈرۈۋەتتۇق، ئۇلارنى مەلۇم ۋاقىتقىچە باياشاتلىق ئىچىدە ياشاتتۇق(98).
ئىلاھىي دەۋەت بولغان قۇرئان ئىنساننى ئەبەدى سائادەت دىيارىغا چاقىرماقتا:
وَاللَّهُ يَدْعُو إِلَى دَارِ السَّلَامِ وَيَهْدِي مَنْ يَشَاءُ إِلَى صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ
ئاللاھ (كىشىلەرنى) خاتىرجەملىك يۇرتىغا (يەنى جەننەتكە) چاقىرىدۇ ۋە خالىغاننى توغرا يولغا يېتەكلەيدۇ(25).
قۇرئاندا بىزگە كۆپ ئۇچرايدىغان بىر ئوبراز بار. بۇ مەۋجۇت ھەقىقەتكە تەسلىم بولماي، چوقۇم ئۇنىڭدىنمۇ ئۈستۈن بىر ھەقىقەتنى قوغلىشىدىغان بىر ئوبرازدۇر. بۇ ئوبرازدىكى زېھىن ئۆزگىگە چوقۇنۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئىللەتلىك زېھىندۇر. ئەسلىدە تەپەككۇر كۆزى بىلەن قاراشنى بىلسە ئەتراپىدا كۆرگەن ۋە ئادەتتىكى بىر نەرسە دەپ كۆزگە ئىلمىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى بىر مۆجىزىدۇر. كۆزگە كۆرۈنىدىغان شەيئىلەرنىڭ ئاستىدا كۆزگە چېلىقمايدىغان بىر ھەقىقەت ياتىدۇ. شەيئىلەرنىڭ كۆرۈنىشىنىڭ ئاستىدا ياتقان ھەقىقەتنى كۆرەلەيدىغان قەلب كۆزى بۇ ھەقىقەتنى كۆرۈپ يېتىدۇ ۋە يۈرەكنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن چىققان بىر نىدا بىلەن « ئاللاھۇ ئەكبەر! » سادالىرىنى ياڭرىتىدۇ. لېكىن، بۇ ئوبراز بۇنداق قىلىشتىن ئاجىز. سۈرىنىڭ 20 - ئايىتى بۇ ئوبرازنى جانلىق تەسۋىرلەپ بېرىدۇ.
سۈرىدە ئاللاھ تەئالانىڭ ھەقىقەتنىڭ مەنبەسى ۋە ئۆلچىمىنى بەلگىلىگۈچى ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغاندىن كېيىن مۇنداق سوئال قويۇلىدۇ:
« ھەقىقەتتىن قالسا ئازغۇنلۇقتىن بۆلەك نېمە بار؟ » ( 32 ).
ھەقىقەت نۇرى بولمىسا، ئىنسان نېمىگە ئەگىشىدۇ؟ قۇرئان بۇ سوئالغا ئوچۇق ۋە ئېنىق قىلىپ « گۇمان (ظَنًّ ) - پەرەز »گە ئەگىشىدۇ دەپ جاۋاب بېرىدۇ:
وَمَا يَتَّبِعُ أَكْثَرُهُمْ إِلَّا ظَنًّا إِنَّ الظَّنَّ لَا يُغْنِي مِنَ الْحَقِّ شَيْئًا إِنَّ اللَّهَ عَلِيمٌ بِمَا يَفْعَلُونَ
ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى پەقەت گۇمانغىلا تايىنىدۇ. ھالبۇكى، گۇمان ھەرگىزمۇ ھەقىقەتنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنى ئوبدان بىلىدۇ(36).
ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىشنىڭ ئاستىدا مەنىۋى قارغۇلۇق ياتقانلىقى، داۋام قىلغان ئايەتلەردە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ۋەھىي ۋە ۋەھىي كۆرسەتكەن ھەقىقەتنى ئىنكار قىلىش ئەسلىدە خاتا چۈشىنىپ قېلىشتىن كېلىپ چىققان:
بَلْ كَذَّبُوا بِمَا لَمْ يُحِيطُوا بِعِلْمِهِ وَلَمَّا يَأْتِهِمْ تَأْوِيلُهُ كَذَلِكَ كَذَّبَ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ فَانْظُرْ كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الظَّالِمِينَ
ئەكسىچە ئۇلار قۇرئاننىڭ ماھىيىتىنى تولۇق چۈشەنمەي، تېگىدىكى مەزمۇنىدىن ۋاقىپ بولماي تۇرۇپ ئۇنى يالغانغا چىقاردى. ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرمۇ مۇشۇنداق يالغانغا چىقىرىشقان ئىدى. زالىملارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا نەزەر سالغىن(39).
جاۋابكارلىقنىڭ كىشىنىڭ ئۆزىگە ئائىت ئىكەنلىكى قۇرئان پات -پات تەكىتلەپ تۇرغان بىر پرىنسىپ. بۇ ئەسلىدە پەيغەمبەرلەرنىڭ دەۋىتىگە جاھىللىق بىلەن قارشى چىققۇچىلارنىڭ قىلمىشىغا دەۋەت قىلغۇچىلارنىڭ جاۋابكار ئەمەسلىكىنىڭ بايانى ئىدى:
وَإِنْ كَذَّبُوكَ فَقُلْ لِي عَمَلِي وَلَكُمْ عَمَلُكُمْ أَنْتُمْ بَرِيئُونَ مِمَّا أَعْمَلُ وَأَنَا بَرِيءٌ مِمَّا تَعْمَلُونَ
ئەگەر ئۇلار سېنى يالغانچى دېيىشتە چىڭ تۇرسا: «مېنىڭ ئىش-ھەرىكىتىم ئۆزۈم ئۈچۈندۇر، سىلەرنىڭ ئىش-ھەرىكىتىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر. سىلەر مېنىڭ قىلمىشلىرىمدىن جاۋابكار بولمىغاندەك، مەنمۇ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن جاۋابكار ئەمەسمەن» دېگىن(41).
ھېچكىم ئۆزىنىڭ ھۆر ئىرادىسى بىلەن تاللىغان قارارىنىڭ نەتىجىسى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان ئاقىۋەتنى « تەقدىر- پىشانە » دەپ ئاللاھ تەئالاغا تۆھمەت چاپلىماسلىقى كېرەك. تۆۋەندىكى ئايەت بۇ ھەقىقەتنى جاكارلىماقتا:
إِنَّ اللَّهَ لَا يَظْلِمُ النَّاسَ شَيْئًا وَلَكِنَّ النَّاسَ أَنْفُسَهُمْ يَظْلِمُونَ
شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىنسانلارغا قىلچە ئۇۋال قىلمايدۇ، لېكىن ئىنسانلار ئۆزىگە ئۆزى ئۇۋال قىلىدۇ(44).
ئاللاھقا تۆھمەت قىلىشنىڭ يەنە بىر خىل ئۇسلۇبى، ئاللاھتىن غەيرىگە ئىلاھلىق سۈپىتى يېقىشتۇرۇش بولۇپ، بۇ ھەقتە قۇرئان مۇنداق دەيدۇ:
أَلَا إِنَّ لِلَّهِ مَنْ فِي السَّمَاوَاتِ وَمَنْ فِي الْأَرْضِ وَمَا يَتَّبِعُ الَّذِينَ يَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ شُرَكَاءَ إِنْ يَتَّبِعُونَ إِلَّا الظَّنَّ وَإِنْ هُمْ إِلَّا يَخْرُصُونَ
بىلىڭلاركى، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھقا مەنسۇپتۇر. ئاللاھتىن باشقىسىغا ئىلاھلىقنى راۋا كۆرۈپ ئۇنىڭغا ئەگىشىدىغانلار پەقەت يوقىلاڭ پەرەزگىلا تايىنىدۇ، ئۇلار پەقەت بىلجىرلىشىدۇ(66).
ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ ئۇلۇھىيىتىگە قىڭغىرلىق بىلەن نەزەر تاشلىغان زېھىن پەيغەمبەر ۋە پەيغەمبەرلىككىمۇ قىڭغىر قارايدۇ. تۆۋەندىكى ئايەت بۇ خىل ئەقىلگە ئۇرۇلغان تەستەككە ئوخشايدۇ:
قُلْ لَا أَمْلِكُ لِنَفْسِي ضَرًّا وَلَا نَفْعًا إِلَّا مَا شَاءَ اللَّهُ لِكُلِّ أُمَّةٍ أَجَلٌ إِذَا جَاءَ أَجَلُهُمْ فَلَا يَسْتَأْخِرُونَ سَاعَةً وَلَا يَسْتَقْدِمُونَ
(ئى پەيغەمبەر) ئېيتقىنكى: «ئاللاھ خالىمايدىكەن مەن ئۆزۈم ئۈچۈنمۇ بىرەر پايدا-زىيان ئېلىپ كېلىش قۇدرىتىگە ئىگە ئەمەسمەن. ھەر توپلۇمنىڭ بەلگىلەنگەن بىر ياشاش مۇددىتى بولىدۇ، ياشاش مۇددىتى توشقاندا بىردەممۇ كېچىكتۈرۈلمەيدۇ، بىردەممۇ ئىلگىرى سۈرۈلمەيدۇ»(49).
بۇ سۈرىدە ھەزرىتى نۇھ بىلەن باشلىنىپ، ھەزرىتى مۇسا ۋە ھارۇن بىلەن داۋاملاشقان ۋە ھەزرىتى يۇنۇس بىلەن ئاخىرلاشقان قىسسەلەرنىڭ ھەممىسى ئىنكارچى قوۋملاردىن ئىبرەت ئېلىشقا دەۋەت قىلماقتا. ھەزرىتى مۇسا قىسسىسىدە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان نۇقتا ئۆينى ئىنسانغا نىسبەتەن « توغرا يول »غا يۈزلىنىشتىكى بىرەر « قارارگاھ » قا ئايلاندۇرۇش ھەققىدىكى تەلماتتۇر:
وَأَوْحَيْنَا إِلَى مُوسَى وَأَخِيهِ أَنْ تَبَوَّآَ لِقَوْمِكُمَا بِمِصْرَ بُيُوتًا وَاجْعَلُوا بُيُوتَكُمْ قِبْلَةً وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَبَشِّرِ الْمُؤْمِنِينَ
بىز مۇسا بىلەن ئۇنىڭ قېرىندىشى(ھارۇن)غا: «خەلقىڭلار ئۈچۈن مىسىردا ئۆيلەرنى تەييارلاڭلار، ئۆيلىرىڭلارنى نامازگاھقا ئايلاندۇرۇڭلار، نامازنى راۋرۇس ئادا قىلىڭلار. (ئى مۇسا!) مۆمىنلەرگە خۇشخەۋەر يەتكۈزگىن» دەپ ۋەھىي قىلدۇق(87).
بۇ، « پىرئەۋننىڭ زۇلۇمى ئانىلارنىڭ بالا ياتقۇسىغىچە يېتىپ بارغان تۇرسا، ئۇ يەردە قىلغۇدەك قانداق ئىش بار؟ » دېگەن سوئالغا جاۋابتۇر.
ئاخىرقى قىسسە بولغان ھەزرىتى يۇنۇس قىسسىسى تارىخى بىر ۋەقە ئۈستىدىن قۇرئان ۋەھىينىڭ تۇنجى خىتاب قىلىنغۇچىلىرى بولغان مەككە مۇشرىكلىرىغا قاتتىق بىر ئاگاھلاندۇرۇش ئىدى. بەلكىم، بۇ قىسسە ئارقىلىق رەسۇلۇللاھقا : « بىزنىڭ رۇخسىتىمىز بولماي تۇرۇپ، يۇنۇسقا ئوخشاش ۋەزىپەڭنى تاشلاپ كەتمە! » دېيىلگەن بولسا كېرەك.
سۈرە، ئىنسانلار تەقدىرىنى ئۇلارنىڭ تەدبىرلىرى، قىلمىشلىرى بەلگىلەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان بىر بۆلەك بىلەن ئاخىرلىشىدۇ:
قُلْ يَا أَيُّهَا النَّاسُ قَدْ جَاءَكُمُ الْحَقُّ مِنْ رَبِّكُمْ فَمَنِ اهْتَدَى فَإِنَّمَا يَهْتَدِي لِنَفْسِهِ وَمَنْ ضَلَّ فَإِنَّمَا يَضِلُّ عَلَيْهَا وَمَا أَنَا عَلَيْكُمْ بِوَكِيلٍ (108) وَاتَّبِعْ مَا يُوحَى إِلَيْكَ وَاصْبِرْ حَتَّى يَحْكُمَ اللَّهُ وَهُوَ خَيْرُ الْحَاكِمِينَ (109)
ئېيتقىنكى: «ئى خالايىق! سىلەرگە رەببىڭلار تەرىپىدىن ھەقىقەت (يەنى قۇرئان) يېتىپ كەلدى. كىمكى توغرا يولدا ماڭىدىكەن، ئۇنىڭ پايدىسىنى ئۆزى كۆرىدۇ؛ كىمكى ئازغۇن يولدا ماڭىدىكەن، ئۇنىڭ زىيىنىنى ئۆزى تارتىدۇ. مەن سىلەر (نىڭ ئىش-ھەرىكىتىڭلار) دىن جاۋابكار ئەمەسمەن»(108). (ئى پەيغەمبەر!) ساڭا ۋەھىي قىلىنغانغا ئەگەشكىن، ئاللاھ ھۆكۈم چىقارغۇچە چىدامچان بولغىن. ئاللاھ ئەڭ ھەققانىي ھۆكۈم چىقارغۇچىدۇر(109).