سۈرە فاتىھە
سۈرە فاتىھە 1-ئايەت
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).(1)
سۈرە فاتىھە 2-ئايەت
الْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ
بارچە مەدھىيە[1] پۈتكۈل ئالەملەرنىڭ رەببى [2]ئاللاھقا مەنسۇپتۇر(2).
[1].مەدھىيە-كۈيلەش ۋە ماختاشنى ئىپادىلەيدىغان بولۇپ ئىككى خىل مەنىدە چۈشىنىشكە بولىدۇ:بىرىنجىسى پەقەت ئاللاھنىڭ ئالقىشىنىلا قوغلاشقىن،ئاللاھتىن باشقىنىڭ ماختىشىنى كۆزلىمىگىن.ئىككىنچىسى بولسا،ئاللاھتىن باشقىنى كۆككە كۆتۈرمىگىن،ئاللاھتىن ئۆزگىنى ئارتۇقچە ماختىمىغىن.ئاللاھنىڭ ئالدىدا باشقا نەرسىلەر ھەقىقى تۈردە ماختاشقا لايىق ئەمەس. . [2] .رەب-ئىگىسى،پەرۋىشكارى قاتارلىق كەڭ دائىرىلىك مەنىنى ئىپادىلەيدۇ.
سۈرە فاتىھە 3-ئايەت
الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ
(ئاللاھ) مېھىر – شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىلدۇر (3).
سۈرە فاتىھە 4-ئايەت
مَالِكِ يَوْمِ الدِّينِ
(ئۇ) جازا-مۇكاپات كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر( 4).
سۈرە فاتىھە 5-ئايەت
إِيَّاكَ نَعْبُدُ وَإِيَّاكَ نَسْتَعِينُ
(رەببىمىز!) بىز ساڭىلا بەندىچىلىك قىلىمىز، سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز (5).
سۈرە فاتىھە 6-ئايەت
اهْدِنَا الصِّرَاطَ الْمُسْتَقِيمَ
بىزنى توپتوغرا يولغا يېتەكلىگەيسەن!(6).
سۈرە فاتىھە 7-ئايەت
صِرَاطَ الَّذِينَ أَنْعَمْتَ عَلَيْهِمْ غَيْرِ الْمَغْضُوبِ عَلَيْهِمْ وَلَا الضَّالِّينَ
-ئىنئامىڭغا سازاۋەر بولغان، غەزىپىڭگە ئۇچرىمىغان، ئېزىپمۇ كەتمىگەنلەرنىڭ يولىغا (7)
Flag Counter